Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 35:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 دەم ئېلىش كۈنىدە ھەتتا ئۆز ئۆيۈڭلاردا ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.»

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 35:3
9 Referans Kwoze  

مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار: «ئەتە تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۈندۇر. بۈگۈن يېمەكلىكىڭلارنى ئوتقا قاقلاپ، سۇدا قاينىتىپ، خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار، ئېشىپ قالغىن ىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.


ھېيتنىڭ بىرىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ ئىككى كۈندە يېمەكلىك تەييارلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار،


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.


ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار.


ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىڭلار. ئۆكۈز، ئېشەك، قۇل ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.


ئالتە كۈن ئىش كۈنىدۇر، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار تۆۋەندىكىلەرنى سىلەرگە ئەمر قىلدى:


ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite