8 مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى
ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
شۇنىڭ بىلەن يىھوشافات يەرگە باش قويۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. ئارقىدىن يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشتى.
ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندا، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا يار بولۇشقا ۋەدە بەرگەنمەن. ھازىرمۇ مېنىڭ روھىم سىلەرگە ياردۇر، قورقماڭلار!
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى.