4 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ، ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى سىناي تېغىغا ئېلىپ چىقتى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم ھەم ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، تاغقا ئېلىپ چىقتىم.
مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:
پەرۋەردىگار سىناي تېغىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى.
بۇ ئىككى تاش تاختىغا پەرزلەرنى خۇدا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.
_ ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. بىر ياغاچ ساندۇق ياسىغىن، ئاندىن تاغقا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن.