Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 34:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىسرائىللار ئۇنىڭ يۈزىدىن نۇر يېغىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا يەنە يۈزىنى يېپىۋالاتتى. پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى كىرگىنىدە يەنە ئېچىۋېتەتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 34:35
9 Referans Kwoze  

مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.


يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.


ھەققانىي ئادەملەر ئۇ چاغدا ئاتىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.


كىم دانا ئادەمگە ئوخشايدۇ؟ كىم ئىشلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ؟ دانالىق ئادەمنىڭ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىزەڭ چىراينى ئىللىق چىراي قىلىدۇ.


بىز يۈزىدىكى نۇرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىسرائىللارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشىمايمىز.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite