3 ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىرگە كەلمىسۇن. تاغنىڭ ھېچ يېرىدە ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا تاغنىڭ ئېتىكىدە چارۋا ماللىرىمۇ ئوتلىمىسۇن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ.
چۈنكى، «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋان يېقىن كەلسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دېگەن ئەمر ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەنىدى.
چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر.
ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئۆزىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، قايتىپ چىقمىغۇچە، ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمىسۇن.