مىسىردىن چىقىش 34:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى27 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ دېگەنلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر مېنىڭ سەن ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ئاساسىدۇر. _ دېدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ.