Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 34:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 34:26
13 Referans Kwoze  

ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»


ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان يات خەلقلەرگە بەرسەڭلار ياكى ساتساڭلار بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپ، پاك خەلقسىلەر. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.


تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار


لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئۇنىڭ تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، بىز ھازىر سەن بىزگە بەرگەن زېمىنىمىزدىن چىققان تۇنجى ھوسۇلىمىزنى ساڭا ھەدىيە قىلىمىز.» سىلەر بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، سېۋىتىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا قويۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار.


ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.»


دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتنىڭ ئۇنىدىن توقاچ پىشۇرۇپ، خاماندىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.


ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بارلىق تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان ھەممە كىشىلەر ئۇنى يېسە بولىدۇ.


بىز ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلىمىز بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite