Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 34:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قېلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 34:25
12 Referans Kwoze  

ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىرگە ئاتىماڭلار. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى سەھەرگىچە ساقلىماڭلار.


ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىسىگە قالدۇرماي، شۇ كېچىسىلا كۆيدۈرۈۋەتسۇن.


قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن.


مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى روھانىي شۇ كۈنىلا يېۋەتسۇن، ئەتىسىگە قالدۇرمىسۇن.


ئەگەر گۆش ۋە نانلار ئەتىسى سەھەرگىچە يېيىلمىگەن بولسا، يېيىلمىسۇن، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.


قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار، پەقەت پېتىر نان يەڭلار.


شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.


ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ.


ئاشۇ يەتتە كۈن ئىچىدە زېمىنىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. بىرىنچى كۈنىدىكى قۇربانلىق گۆشى ئەتىسى سەھەرگە قالمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite