19 پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇل ۋە بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال، مەيلى ئۇ كالا ياكى قوي بولسۇن، ماڭا مەنسۇپتۇر.
_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.
باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار.
سىلەر تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مېلىڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار. تۇنجى ئوغۇل ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مېلىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن.
تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى ۋە باشقا بېكىتىلگەن ھەر خىل ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار روھانىيلارغا تەۋەدۇر. سىلەر تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىنى روھانىيلارغا ئاتاڭلار. شۇندىلا ئائىلەڭلار بەرىكەت تاپىدۇ.
تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز.