Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 34:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى ۋە ئىلاھەسى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى چېقىۋېتىڭلار

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 34:13
25 Referans Kwoze  

ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئۆرۈدى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان تۇچ يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى. چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ تۇچ يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى.


ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار.


_ كېيىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىغاندا، ئۇنىڭ يېنىغا ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋە


سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چۇۋۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتىڭلار، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، باشقا بۇتلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.


ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.


ئۇ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتۇرۇۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى چاچقۇزدى.


ئۇ كۈنى كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ سەن ئاتاڭنىڭ يەتتە ياشلىق بۇقىسىنى، يەنى ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭ ئىلاھ بائالغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى كېسىپ يىقىتىۋەت.


سىلەر ھەرگىز يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزمەڭلار، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار» دېگەنىدىم. بىراق سىلەر مېنىڭ دېگىنىمگە بويسۇنمىدىڭلار. بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟


ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئىسرائىللار خۇددى سۇدىكى قومۇشتەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.


غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى.


پادىشاھ ئاسا ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ياغاچتىن ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ يىرگىنچلىك بۇتنى يىقىتىپ، پارچىلاپ، قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى.


نەتىجىدە، ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن خۇدا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى.


ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.


شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ، ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.


سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن، شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.


ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.


بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنىمۇ تىكلىمەڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلارنى ئۆچ كۆرىدۇ.


ۋەيران قىلدى ۋە بۇتخانىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن بېرى كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite