Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 34:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 34:12
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرغاندا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار، تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق يات ئەللەرنى ھالاك قىلىڭلار، رەھىم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا چوقۇنۇش سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ.


چوقۇندى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا، ھالاكەت ئېلىپ كەلدى بۇت ئۇلارغا.


گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن روھانىيلىق پەرتۇقىنى ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا تىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرتۇققا چوقۇندى. شۇنىڭ بىلەن پەرتۇق گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.


بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەللەرنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرىگە قىز بەرمەڭلار ھەمدە ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا ئاشىق بولدى.


شۇنداقلا ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلەشكەنىدى.


نەتىجىدە، ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن خۇدا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى.


ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.


پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، سىلەر ئۇلارنى مەن يەتكۈزگەن ئەمر بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭلار.


ئىسرائىللار خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.


مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار».


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite