Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 33:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 مۇسا چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەندە، بۇلۇت تۈۋرۈكى پەسلەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 33:9
17 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئۇلارغا، ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا.


خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاش تاختىغا پەرزلەر خۇدا تەرىپىدىن ئۆز قولى بىلەن يېزىلغانىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يەنە ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. ئۇ ماڭا: _ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بار. مەن سەن بىلەن شۇ يەردە سۆزلىشىمەن، _ دېدى.


مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.


ۋە مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، بىز ئۇ يەرگە بارغاندا، بىزگە يار بولغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن، _ دېدى.


ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىرگە كەلمىسۇن. تاغنىڭ ھېچ يېرىدە ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا تاغنىڭ ئېتىكىدە چارۋا ماللىرىمۇ ئوتلىمىسۇن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.


مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.


پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى. ئىبراھىممۇ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


خۇدا ئىبراھىمغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.


مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغاندا، خەلق دائىم چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە كەينىدىن قارىشىپ تۇرۇشاتتى.


خەلق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشاتتى.


پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە پەسكە چۈشتى ۋە مۇسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىدە بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە ئايان بولدى.


مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite