Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 33:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادىلا تاقىمىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 33:6
7 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلقسىلەر. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىرگە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلاردا قېلىپ قالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەيمەن.» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى.


ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى.


مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.


ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «ئۇچرىشىش چېدىرى»نى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايغا تىكەتتى. پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سورايدىغانلار ئۇ يەرگە باراتتى.


شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite