Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 33:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4-5 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلقسىلەر. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىرگە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلاردا قېلىپ قالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەيمەن.» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 33:4
20 Referans Kwoze  

مۇسا بۇ ئىشلارنى ئىسرائىللارغا خەۋەر قىلغاندا، ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇشتى.


دېڭىز بويىدىكى باشقا پادىشاھلار تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى، كەشتىلىك لىباسلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتتىن قورقۇشۇپ، يەردە ئولتۇرۇشۇپ، غال-غال تىترىشىدۇ.


بېشىڭلارغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭلارغا ئاياغ كىيىپ يۈرىسىلەر. ھازا ئاچمايسىلەر، پەرياد قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، گۇناھىڭلار سىلەرنى تۈگەشتۈرىدۇ، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا ئىڭراپ دەرد تۆكىسىلەر.


پەقەت ئۈنسىز ھەسرەتلەن، قارىلىق تۇتما. ئادەتتىكىدەك بېشىڭغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭغا ئاياغ كىيىپ يۈر، ئېغىز-بۇرنۇڭنى ئەتمە، باشقىلار ئۆيۈڭگە ھال سوراپ ئەكەلگەن تاماقنىمۇ يېمە.


ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلىنىپ ۋارقىراشتى ۋە قاتتىق يىغلاشتى.


_ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟!


ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.


نىنەۋى پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇردى.


ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ، پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ.


قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار، ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار. ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۈستۈڭلەرگە ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار!


ئۇلار يىراقتىن ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى.


ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:


مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، تون ۋە چاپىنىمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا ئازاب بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىم.


پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.


ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.


سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا بارغانىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تارتىپ تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە پۇتلىرىنى، كىيىملىرىنى يۇيمىغان ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى.


مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر چېچىڭلارنى چۇۋۇپ، كىيىمىڭلارنى يىرتىپ، ھازا تۇتۇپ يۈرمەڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار پۈتۈن خەلققىمۇ غەزەپ ياغدۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتىدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكسە بولىدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادىلا تاقىمىدى.


پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite