Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 33:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا پۈتۈن ياخشىلىقىمنى زاھىر قىلىپ، ئالدىڭدىن ئۆتىمەن، ھەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ «ياھۋەھ» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 33:19
16 Referans Kwoze  

مەن روھانىيلارنى مول نېمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمەن. خەلقىم مەن ئاتا قىلغان ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.»


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.


خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟


ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە، ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا!


بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.


خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋىلىك باغلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولدى.


خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى بولغان بىزلەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز بۇ ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشكە ئالدىن تاللانغان.


نەقەدەر بەختلىكتۇر سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر، ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا، بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن، ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن.


بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشار ئۇ كىشى، زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن، سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite