Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 33:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 33:17
11 Referans Kwoze  

ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ.


پەرىشتە مۇنداق دېدى: _ ماقۇل، ساڭا رۇخسەت قىلدىم. ئۇ كىچىك شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرماي.


شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.


بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى بېرىدۇ.


لېكىن پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى.


سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.


ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم: _ ئى ئىگەم، خاپا بولما، سەندىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. ئەگەر پەقەت 10 ئادەم بولسىچۇ؟ _ دېدى. _ پەقەت 10 ھەققانىي ئادەم بولسا، بۇ شەھەرنى يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى پەرۋەردىگار.


مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.


پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن قورقتۇم. لېكىن پەرۋەردىگار يەنە بىر قېتىم مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite