مىسىردىن چىقىش 33:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئەگەر سەن بىزگە يار بولمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قانداق بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. Gade chapit la |
ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ.
يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئىلاھلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.