مىسىردىن چىقىش 33:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 _ مەن ساڭا ئۆزۈم يار بولۇپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.
سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»