مىسىردىن چىقىش 33:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 شۇنداق ئىكەن، ھەمىشە سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، داۋاملىق سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى. Gade chapit la |
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»