10 خەلق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىشاتتى.
پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ
ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.
پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى.
مۇسا چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەندە، بۇلۇت تۈۋرۈكى پەسلەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن خۇددى دوستى بىلەن سۆزلەشكەندەك يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، نۇننىڭ ئوغلى، يەنى ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى يوشۇۋا يەنىلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا بولاتتى.