Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 33:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارغىن. مەن: «بۇ زېمىننى ئەۋلادىڭلارغا بېرىمەن» دەپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ۋەدە قىلغانىدىم.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 33:1
18 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.


خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن. مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىننى ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.


شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


ئەمدى سەن خەلقنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن جايغا ئېلىپ بار. مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن، _ دېدى.


ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا: _ يۈرۈڭ، بىزگە بۇت ياساپ بېرىڭ، ئۇ بىزگە يول كۆرسەتسۇن. بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.


لېكىن خەلق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ بىزنى نېمە ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ؟ سەن بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ _ دېدى.


دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى.


ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى.


ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى.


مەن سىلەرگە: ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقتىم.


ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن، ئۇلارنى خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟


ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»


ئۇ قېرىنداشلىرىغا: _ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite