6 ئەتىسى سەھەردە، خەلق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.
سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، «ئۇلار كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.»
موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.
يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.
بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»
ئۇلار ئۆزلىرىگە گۆرۈگە قويۇلغان كىيىملەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تېگىگە سېلىپ يېتىشتى. ئۇلار بۇتخانىلاردا ناھەق ئېلىنغان جېرىمانىلەر بىلەن سېتىۋېلىنغان شارابلارنى ئىچىشتى.
ھارۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئالتۇن موزاي بۇتنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە: _ ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز، _ دەپ ئېلان قىلدى.