Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 32:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ھارۇن ھالقىلارنى ئېرىتىپ، موزاينىڭ بۇتىنى ياسىدى. خەلق: _ ئەي ئىسرائىللار، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇ! _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 32:4
36 Referans Kwoze  

ھەتتا ئۇلار موزاينىڭ بۇتىنى ياساپ، ‹بۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ› دەپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.


كۆردۈمكى، خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ قىلىپ، موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەمر قىلغان يولدىن شۇنچە تېز چەتنەپتۇ.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى.


ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن تېزلا چەتنەپ، ئالتۇندىن موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇدۇر» دېيىشتى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ياروبئام مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ بۇتىنى ياسىتىپ، خەلققە: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، مانا بۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلاردۇر! _ دېدى.


ھازىر ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئۇستىلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ھۈنىرىگە تايىنىپ، كۈمۈشلىرى بىلەن بۇت ياسايدۇ. ئاندىن باشقىلار ئۇلار ھەققىدە: «ئۇلار ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلارمىش، موزاي بۇتلارنى سۆيەرمىش» دېيىشىدۇ.


بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك!


سامارىيەلىكلەر بەيتئاۋەندىكى موزاي بۇتتىن ئەنسىرەيدۇ، موزاي بۇتقا چوقۇنغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ. بۇتپەرەس روھانىيلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ. موزاي بۇتنىڭ شان-شەرىپىدىن خۇرسەن بولغانلار ھازا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇت ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ.


بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.


ھازىر سىلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا سىلەر ئادەملىرىمىز كۆپ، ھەم ياروبئام ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاي ئىلاھلىرىمىز بار، دەپ ئويلامسىلەر؟


ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى.


سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.


لېكىن يېھۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلەپ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.


ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا: _ يۈرۈڭ، بىزگە بۇت ياساپ بېرىڭ، ئۇ بىزگە يول كۆرسەتسۇن. بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.


پادىشاھ ياروبئام يەنە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى.


ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككى تاش ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ،


ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن.


_ مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم.


سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، «ئۇلار كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.»


ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى.


ھارۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئالتۇن موزاي بۇتنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە: _ ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز، _ دەپ ئېلان قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.


مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېدىم. ئۇلار ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملارنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، ئۇلار ئوتتىن مۇشۇ موزاي بولۇپ چىقتى.


پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.


ئۇ يەنە: _ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزەيلى، دەپ جاكارلىدى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى.


ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.


ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى.


ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.


گىدئون ئۇلارغا يەنە: _ مەن سىلەردىن پەقەت بىر نەرسە تەلەپ قىلىمەن. ماڭا ھەربىرىڭلار ئالغان ئولجاڭلاردىن بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى. (مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.)


گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن روھانىيلىق پەرتۇقىنى ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا تىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرتۇققا چوقۇندى. شۇنىڭ بىلەن پەرتۇق گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite