Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 32:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن. بولمىسا، مېنىڭ ئىسمىمنى پۈتۈكۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 32:32
26 Referans Kwoze  

ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى، ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى.


ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.


ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.


ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم.


پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.


غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.


كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى، كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى، تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى.


خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى، تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى، يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ.


شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنغا سىلەرنى ئۆزى باشلاپ كىرىپ، چېگرايىڭلارنى ئامان قىلغاندىن كېيىن، ئامالەك خەلقىنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىڭلار. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن.


مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى.


سەن مىسىردىن چىققاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆز خەلقىڭنى كەچۈرگىنىڭگە ئوخشاش، ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن.


ئەمدى سەن مېنى توسما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرىمەن ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بۈيۈك بىر ئەل قىلىمەن، _ دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا: - ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، - دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.


چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەچۈرگەيسەن، ئۇلار بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟!


ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


كىمدەكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابتىكى بىرەر سۆزنى چىقىرىۋەتسە، خۇدامۇ ئۇنى بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بېرىلىدىغان نېسىۋىسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.


لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، - دېدى.


سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي!


پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.


سىئوندا قالغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان قالغانلار «خۇداغا بېغىشلانغانلار» دەپ نام ئالىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئامان قالدۇرۇشقا تاللىغان ئادەملەردۇر.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ كۈندە، ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ۋاپادار بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.


پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite