28 لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۇ كۈنى ئىسرائىل خەلقىدىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىۋەتتى.
ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.
بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار مانا شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە ئۈچ مىڭى بىر كۈندىلا ھالاك بولدى.
لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.
مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنىڭ قىلىچىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، قارارگاھنى ئارىلاپ يۈرۈپ، قېرىندىشىڭلارنى، دوست-بۇرادىرىڭلارنى ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى، _ دېدى.
مۇسا لاۋىيلارغا: _ بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئاتىدىڭلار. سىلەر بۈگۈن ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىڭلار ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنىمۇ ئايىمىغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولدۇڭلار، _ دېدى.
پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.
بۇنى كۆرگەن روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس جامائەتتىن ئايرىلىپ، قولىغا نەيزىسىنى ئالدى-دە،
ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.
ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.»