26 ئۇ قارارگاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: _ پەرۋەردىگار تەرەپتە تۇرىدىغانلار يېنىمغا كېلىڭلار! _ دەپ ۋارقىرىغانىدى، پۈتكۈل لاۋىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.
مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر.
يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ: _ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ، زادى كىم ماڭا ئەگىشىدۇ؟ _ دېدى. ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى.
يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
ئاماسانىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى: _ كىمكى يوئاب بىلەن داۋۇت تەرەپتە بولسا، يوئابنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسۇن! _ دېدى.
مۇسا ھارۇننىڭ خەلقنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق باشباشتاق بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغانلىقىنى بىلدى.
مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنىڭ قىلىچىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، قارارگاھنى ئارىلاپ يۈرۈپ، قېرىندىشىڭلارنى، دوست-بۇرادىرىڭلارنى ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى، _ دېدى.
ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.
رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟