23 «بىزگە يول كۆرسىتىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.
ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن تېزلا چەتنەپ، ئالتۇندىن موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا مۇشۇدۇر» دېيىشتى.
مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاكىسى ھارۇنغا: «بىزگە يول باشلايدىغان بۇتلار ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.
سائۇل ئۇنىڭغا: _ بۇلار ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرىدۇر. ئادەملىرىم پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كالا ۋە قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتى. لېكىن بىز قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق، _ دېدى.
ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇداغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس يوقىتىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس، _ دېدى.