Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 32:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 32:21
11 Referans Kwoze  

ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىزگە نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ مېنى ۋە خەلقىمنى ئېغىر گۇناھقا قويغۇدەك بىز سېنى قانداق رەنجىتكەنىدۇق؟ سەن ماڭا ھېچكىم قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ.


سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ».


ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.


ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ ناۋادا خەلقىم ئىچىدىكى بىرەرسى ئايالىڭغا چېقىلىپ قويغان بولسا، پۈتۈن خەلقىمنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.


ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ ياسىۋالغان موزاي بۇتىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى كۈلدەك ئېزىپ، سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارغا ئۇ سۇنى ئىچكۈزدى.


ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا:


سامۇئىل ئۇنىڭدىن: _ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite