17 يوشۇۋا خەلقنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: _ قارارگاھتىن ئۇرۇشنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.
مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا چىقتى.
مۇسا يوشۇۋاغا: _ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى.
مەن موئابقا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت قىرىيوتنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش چۇقانلىرى ئاڭلانغاندا، لەشكەرلەر سۈرەن سېلىشقاندا، جەڭ بۇرغىلىرى ياڭرىغاندا، موئاب خەلقى ھالاك بولىدۇ.
شۇڭا مەن رابباھنىڭ شەھەر سېپىللىرىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش كۈنىدە چۇقان-سۈرەنلەر ئاڭلىنىدۇ، جەڭ شىددەتلىك بوراندەك ئەۋج ئالىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن جەزمەن زېمىنىڭلارنى دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن تولدۇرىمەن. ئۇلار چېكەتكىلەردەك زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئولىشىپ، غەلىبە تەنتەنىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.›»
ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.
ئۇ بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىشى بىلەن كىشنەيدۇ. ئۇ يىراقتىنلا ئۇرۇشنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراپ، سەركەردىلەرنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە چۇقان-سۈرەنلەرنى ئاڭلايدۇ.
يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر ھۇررا دەپ توۋلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گات ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى شائارايىمدىن گات ۋە ئەقرونغىچە بولغان يول ياقلىرىدا ياتاتتى.
داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە، ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە ماڭغان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى.
شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ كەتتى.
روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى.
يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى: _ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلدى.
يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.»
سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.
مۇسا ئۇنىڭغا: _ بۇ ئاۋاز جەڭ غەلىبىسىنىڭ تەنتەنىسى ياكى مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادىمۇ ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈينىڭ ساداسىدۇر! _ دېدى.
ئەتىسى سەھەردە، خەلق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.
بۇ ئىككى تاش تاختىغا پەرزلەرنى خۇدا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.