Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 31:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تاللىدىم. ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، مەن بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ياساش ئىقتىدارىنى بەردىم.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 31:6
26 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابقىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ئاندىن ئۇلارنى باشقىلارغا ئۇستاز قىلدى.


_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى ياسىسۇن:


بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.


بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى.


شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.


شۇڭا مەن تىلىكىڭ بويىچە ساڭا بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.


ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


ئىشلەمچىلەر ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى تەييارلاشقا باشلىدى. چېدىر ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىدى. بۇ يوپۇقلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، قولى چېۋەر ئۇستىلار ئۇلارغا كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس كەشتىلىدى.


دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىش ھەمدە رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇلار خىلمۇخىل ھۈنەرلەرگە ماھىردۇر.


ئۇنىڭ دان قەبىلىسىدىن بولغان ياردەمچىسى، يەنى ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئاب ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار تۆۋەندىكىلەرنى سىلەرگە ئەمر قىلدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite