4 ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش،
ھازىر سىلى ماڭا بىر ئۇستا ئەۋەتىپ بەرسىلە. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈردىن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان، سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك رەختلەردىن كەشتىچىلىك قىلالايدىغان، ئويمىچىلىق قىلالايدىغان، ئاتام داۋۇت يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تەييار قىلغان ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىيەلەيدىغان بولسۇن.
ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىك ھۆنىرىگە پۇختا، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.
_ سەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاقىلىدىغان كۆكرەكلىكنى قولى چېۋەر ئۇستىلارغا تىكتۈرگىن. تىكىلىش ئۇسۇلى پەرتۇق بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۇ ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن.
_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.
ئۇنى ئۆز روھىمغا چۆمدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدىم.
قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ.