Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 31:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدىم.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 31:2
14 Referans Kwoze  

شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن.


مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدى.


يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.


بىزالئېل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر قىلىپ بىر ساندۇق ياسىدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ مېڭىشقا ئەمر قىلدىڭ. لېكىن كىمنىڭ مەن بىلەن بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتكەنلىكىڭنى ئېيتقانىدىڭ.


يوشۇۋا مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇر تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى.


يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، يەنى ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالئېل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.


ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.


ئۇنىڭ دان قەبىلىسىدىن بولغان ياردەمچىسى، يەنى ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئاب ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى.


ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىك ھۆنىرىگە پۇختا، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite