Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 31:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12-13 پەرۋەردىگار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشنى مۇساغا تاپىلىدى: _ سىلەر مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىگە چوقۇم ئەمەل قىلىڭلار. چۈنكى دەم ئېلىش كۈنى سىلەر بىلەن مېنى ئەۋلادمۇئەۋلاد باغلاپ تۇرىدىغان بىر بەلگىدۇر. سىلەر بۇ ئارقىلىق سىلەرنى پاك قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 31:12
6 Referans Kwoze  

مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىقلار. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن.


دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.


ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم.


ئەجدادلىرىڭلارمۇ شۇنداق رەزىل ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدايىمىز بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە بالايىئاپەتنى بەرگەن ئەمەسمىدى؟! سىلەر ھازىر دەم ئېلىش كۈنىگە ھاقارەت قىلىپ، خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزىپىنى قوزغاۋاتىسىلەر!


شۇڭا، بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە: - بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تۇرسا، تەۋرات قانۇنىمىزدا دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite