1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى:
مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدى.
_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى ياسىسۇن:
شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن.
يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، يەنى ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالئېل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.