35 ئۇلار ئادەتتىكى خۇشبۇي بۇيۇم ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن.
بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىگە تۇز سېلىنسۇن. تۇز مەن خۇدانىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر، تۇز سېلىنمىغان بىرەر ھەدىيە بولمىسۇن.
ئۇلارنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مۇقەددەس ياغ ياسىسۇن.
مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى.
كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟
ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار، شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار، شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى رۇمىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ،
بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.
ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن
روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاشتى.
خۇشبۇي ئەشيالارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى.
ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.