Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 30:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 30:33
27 Referans Kwoze  

ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


خەتنە قىلىنمىغان ئەر خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇنداق كىشى ئەھدىنى بۇزغان بولىدۇ.


يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.


بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ماڭا ئاتاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن تائاملارنى پەقەت ئۆزلىرىلا يېسۇن، باشقىلار يېمىسۇن. چۈنكى بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى مەيلى ئىسرائىل ياكى يات خەلق بولسۇن، ئىسرائىل خەلقى قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى رۇمىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ،


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، چۈنكى بۇ مۇقەددەس كۈندۇر. كىمدەكىم بۇ كۈنگە ھۆرمەت قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.


_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ قان يېيىشىنى چەكلىدىم، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان يېگەن ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.


ئەگەر بىرسى ئۆز ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىنى خوتۇن قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، بۇ نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەر ئىككىلىسى ئايالنىڭ ھەيز مەنبەسىنى ئاچقان ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرەرسى ناپاك تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىگە يېقىنلاشسا، ئۇ ئىبادەت جايىمدا قەتئىي خىزمەت قىلمىسۇن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


_ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار!


ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتىپ، مېنىڭ ئەمرىمگە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»


ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.


ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite