30 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا بېغىشلىنىپ، ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا ياغ قۇيغىن.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.
خۇددى ئاتىسىغا ياغ سۈركىگەندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس ياغ سۈركىگىن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ. ئۇلارغا ياغ سۈركىلىش ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.
ماڭا بېغىشلانسۇن. بۇ نەرسىلەرگە روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر مۇقەددەستۇر.
ئىسرائىللارغا شۇنى ئېيتقىنكى، بۇ مۇقەددەس ياغ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەقەت مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلغاندا ئىشلىتىلسۇن.
شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.
ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.