3 ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، ئۈستى تەرىپىنىڭ چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن.
شىرە ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن ۋە چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن.
ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن.
ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى.
ئىسرىقدان تۆت چاسا بولسۇن، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن بولسۇن. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالسۇن.
ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، ئالتۇن نەقىشنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورنىتىلسۇن.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 10 مېتىر بولۇپ، ئۇ ھەممە يېرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقداننىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرە،