29 ماڭا بېغىشلانسۇن. بۇ نەرسىلەرگە روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر مۇقەددەستۇر.
ئەي كورلار! قۇربانلىق ئۇلۇغمۇ ياكى قۇربانلىقنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانلىق سۇپىسىمۇ؟
ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.
قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈن گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش ئورنى سۈپىتىدە پاكلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىغا روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىق سۇپىسى مۇقەددەستۇر.
ئەي كۆزى كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟
كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ قاتارلىقلار ياغلىنىپ،
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا بېغىشلىنىپ، ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا ياغ قۇيغىن.
ئۇ يەنە قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم مۇقەددەس ياغ سېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچقا ياغ سۈركەپ، ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ.
ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.
مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.