25 ئۇلارنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مۇقەددەس ياغ ياسىسۇن.
ئۇ ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلارنى ياسىدى.
خۇشبۇي ئەشيالارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى.
ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ئۇلارنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ.
ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.
دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.
ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن.
جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.
ئاندىن مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچقىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.
گۈلدارچىندىن 6 كىلو ۋە زەيتۇن يېغىدىن 4 لىتىر تەييارلاپ،
ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسۇن ھەم بۇ ياغنىڭ ئوخشىشىمۇ ياسالمىسۇن. چۈنكى بۇ ياغ مۇقەددەستۇر. سىلەرمۇ بۇ ياغنى چوقۇم مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار.
ئۇلار ئادەتتىكى خۇشبۇي بۇيۇم ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشىلىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن.
ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،
_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.
ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.
بىر ئۆلۈك چىۋىن خۇش پۇراقلىق مەلھەمنى سېسىتىۋەتكەندەك، قىلغان كىچىككىنە ھاماقەتلىكمۇ ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.
روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاشتى.