21 ئۇلار پۇت- قوللىرىنى چوقۇم يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولسۇن.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرىقدانغا يېقىنلاشقاندا، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن تامبال كىيىۋالسۇن. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: