Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 30:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 رويخەتكە ئېلىنغانلار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گىرامدىن كۈمۈش بولسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە ھېسابلانسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 30:13
17 Referans Kwoze  

ھەرقانداق نەرسىنىڭ باھاسىنى باھالىغاندا، مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچەم بىرلىكى ئاساس قىلىنسۇن.


ھەربىر كىشىگە بەش كۈمۈش تەڭگە تۆلىگىن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئۇستازىڭلار ئىبادەتخانا بېجىنى تۆلىمەمدۇ؟ - دەپ سورىدى.


نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر جەمئىي 603,550 نەپەر بولۇپ، مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گىرامغا توغرا كېلەتتى.


پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: - بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ،


_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران 400 كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. بۇ سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا قانچىلىك بىر ئىش ئىدى. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.


يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بەدەل پۇلىنى مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن تۆلىسۇن.


ئىبادەت جايى ئۈچۈن ئاتالغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 1000 كىلو ئىدى.


_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.


ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،


ئىچىگە ئىسرىق تولدۇرۇلغان 12 ئالتۇن تەخسە، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى.


بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.


ئۇلار ئېيىغا توشقاندا، كىشى بېشىغا بەش كۈمۈش تەڭگە قايتۇرۇۋېلىش ھەققى ئېلىنىپ قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.


سىلەر ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار، _ دېگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite