Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 30:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 _ سەن ئىسرائىللارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا، رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىر ئەر ھاياتى ئۈچۈن ماڭا بەدەل پۇلى تۆلىسۇن. شۇندىلا مەن ئۇلارغا بالا-قازا كەلتۈرمەيمەن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 30:12
21 Referans Kwoze  

ئەمدى بىز ھەربىرىمىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، بىلەكنىڭ تۆۋىنى ۋە يۇقىرىسىغا تاقايدىغان بىلەزۈكلەر، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىملاشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئومۇمىي سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرمىگەنىدى.


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


قېرىندىشى ئۈچۈن ھېچكىم خۇداغا بەدەل تۆلىيەلمەس، قېرىندىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش مۇمكىن ئەمەس، باھاسىزدۇر ئىنسان ھاياتى، سېتىپ ئالغىلى بولماس. قۇتقۇزالماس ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېرىندىشىنى، مەڭگۈ ياشاپ، گۆر ئازابىنى كۆرمەسلىكىنى.


ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى.


چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


ئاگاھ بول، ھېچكىم سېنى بايلىقى بىلەن ئازدۇرمىسۇن، ئالغان پاراڭنىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەق يولدىن ياندۇرمىسۇن.


ۋە ئىچ ئاغرىتىپ خۇداغا: ‹ئى خۇدا، ئۇنى قەبرىدىن قۇتقۇزغىن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش يولىنى تاپتىم› دېسە،


پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: _ سىز نېمىشقا لاۋىيلارنى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ ئىسرائىل خەلقىنىڭ سېلىق تاپشۇرۇشىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە بۇيرۇغانىدى. يىغىلغان سېلىقلارنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى.


شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا چۈشۈردى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى.


ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئاي قوغلاپ يۈرسۈنمۇ؟ ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى.


يوئاب پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە ئەمەسمۇ؟ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىلا؟ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلماقچى بولىدىلا؟ _ دېدى.


ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە چۆلدىكى ۋاقتىدا بۇيرۇغان سېلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىشىنى بۇيرۇدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite