Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 30:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ھارۇن ھەر يىلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سېپىپ، ئىسرىقداننى پاكلىسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. چۈنكى بۇ ئىسرىقدان مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 30:10
18 Referans Kwoze  

ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدىن چىقىپ، ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىسۇن. ھارۇن بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈرتسۇن.


ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ باش روھانىيسىدەك، يىلمۇيىل قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرگىنى يوق.


_ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.


بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


ئىسرىقداندا مەنئى قىلىنغان ئىسرىقلار ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق كۆيدۈرۈلمىسۇن ھەمدە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلمىسۇن.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.


ئۇ شۇ تەرىقىدە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىسۇن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىمۇ پاكلىسۇن. چۈنكى ئۇچرىشىش چېدىرى ناپاك خەلقنىڭ ئارىسىدىدۇر.


ئادونىيامۇ سۇلايماندىن قورقۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.


ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىدىغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite