Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 30:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ ئىسرائىللار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياسىسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 30:1
21 Referans Kwoze  

ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى.


ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىدىغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


ئالتۇن ئىسرىقداننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. ئاندىن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتىپ قويغىن.


ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى.


ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 10 مېتىر بولۇپ، ئۇ ھەممە يېرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقداننىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.


ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.


ھارۇن ھەر يىلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنىنى ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سېپىپ، ئىسرىقداننى پاكلىسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن. چۈنكى بۇ ئىسرىقدان مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەستۇر.


ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.


ئىسرىقدان تۆت چاسا بولسۇن، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن بولسۇن. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالسۇن.


ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،


ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.


سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرە،


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.


ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. داۋۇت يەنە سۇلايمانغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرغان ئالتۇن كېرۇبلارنىڭ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ «ھارۋىسى»نىڭ لايىھەسىنىمۇ بەردى.


قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.


شىرە ۋە شىرەگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، ئىسرىقدان،


ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite