بىراق، «ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، تىرىلىشنىڭ بارلىقىنى مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئىسپاتلاپ بەردى. چۈنكى، گەرچە ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار مۇسا پەيغەمبەرگە قارىغاندا ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «خۇدا: ˜مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!Œ دېگەن.»