21 سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىمەن، شۇڭا سىلەر مىسىردىن قۇرۇق قول چىقمايسىلەر.
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار مىسىرلىقلاردىن نېمە سورىسا، شۇنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كەتتى.
ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى.
(پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ قويغانىدى.)
پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.
ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ،
ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى.
ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.
ئۇلار يەنە مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە مىسىرلىقلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى.
ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتۈرگەيسەن.
لېكىن مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ ئەلدىن چىققىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلار بىلەن چىقىدۇ.
ئەمدى سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار مىسىرلىق قوشنىلىرىنىڭكىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سوراپ ئالسۇن.
ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.