Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 3:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 خۇدا مۇساغا يەنە: _ ئىسرائىللارغا: «مېنى ‹ياھۋەھ›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېگىن. ياھۋەھ مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىمدۇر، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 3:15
41 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.


«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك سەردار خۇدادۇر، ئۇنىڭ نامى «ياھۋەھ»تۇر.


باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.


مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.


بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.


لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار، شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار.


ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ.


«مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا پەيغەمبەر قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.


ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ مۆجىزە ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى.


قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.


مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن!


نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.


سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلاركى، ئۇلارنىڭ نالىسى پەلەككە يەتتى.


«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر.


_ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر.


«بۇ رەزىل ئەۋلادتىن ھېچكىمنى مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان بۇ گۈزەل زېمىننى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلمايمەن.


ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار.


لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ ياخشىسىغا، يەنى ئەرشتىكى ماكانىغا تەلپۈندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. خۇدانىڭ ئەرشتە ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.


غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.


_ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «كىم ئۇ؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا.


بىراق مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمىسە، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىسا ۋە ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى.


خۇدا مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


پەرۋەردىگار قۇدرىتىم، مۇناجىتىمدۇر مېنىڭ، قۇتۇلدۇردى ئۇ مېنى. خۇدايىمدۇر ئۇ مېنىڭ، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى، ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، ماختايمەن شۇڭا ئۇنى.


پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ‹ياھۋەھ›دۇر ئۇنىڭ نامى،


ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى.


ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا.


مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.


پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.


مەن ‹ياھۋەھ›دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن. مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن.


«مەن زېمىننى ياراتتىم، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ جايلاشتۇردۇم. ‹ياھۋەھ› مېنىڭ نامىمدۇر. مەن مۇنداق دەيمەن:


شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ تىلىگىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»


پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.


ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، خەلقىڭنى مەڭگۈ ئۆزۈڭگە مۇشۇنداق قىزغىن ۋە سادىق قىلغايسەن!


ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.


ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.


سەن ياردىمىڭنى ئايىماي، سىئونغا رەھىم قىلىسەن، چۈنكى ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى، شۇنداق، ياردەم قىلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.


شۇڭا سىلەر خۇدايىڭلارنىڭ يولىغا قايتىڭلار، مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولۇڭلار، ھەمىشە خۇدادىن ئۈمىد كۈتۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite