14 خۇدا مۇنداق دېدى: _ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى.
پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»
تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا، زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا، ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا، مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا.
ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوق.
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.
مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ زاھىر بولدۇم. لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئاشكارىلىمىدىم.
تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»
خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز.
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - سىلەر ئىنسانئوغلىنى كرېستكە مىخلاپ تىكلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. شۇنداقلا، ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى ۋە پەقەت ئاتامنىڭ ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.
چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.
سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، - دېدى.
_ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «كىم ئۇ؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا.
خۇدا مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىڭلار، قارشىلىق قىلماڭلار. بولمىسا، ئۇ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ.
پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ‹ياھۋەھ›دۇر ئۇنىڭ نامى،
مەن ‹ياھۋەھ›دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن. مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن.