Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 لېكىن مۇسا خۇداغا: _ مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 3:11
13 Referans Kwoze  

_ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىمىز مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىسۇن؟ _ دېدى داۋۇت.


بىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن قىلالايمىز، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز خۇدادىن كەلگەندۇر.


مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە پىرئەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن تىلى ئېغىر بىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


مەن پەرۋەردىگارغا: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن قانداق سۆزلەشنى بىلمەيمەن. مەن تېخى ياش بىر يىگىت! _ دېدىم.


بۇ خۇش پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى بولسا، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟


شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭگە ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى.


ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، گەرچە مەن ياش، تەجرىبىسىز، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سەن مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ.


شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟!


_ تەقسىر، مەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز جەمەتىگە تەئەللۇقمەن. ئىسرائىللارنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس كىشىمەن، _ دېدى گىدئون.


ساڭا ھەدىيە سۇنغۇدەك مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى. بىز ساڭا ھەدىيە سۇنۇشقا قانداقمۇ لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite